Skip to content
Words Without Borders is one of the inaugural Whiting Literary Magazine Prize winners!
from the March 2016 issue

ئەنئەنىگە قارشى‬

مۇشۇ دەقىقىدە

بىر ئەما بىلەن كۆزداش بولۇپ

سىلەرنى ئارىلىدىم

بىزنى كۆرەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭلار بولغاي

بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ئۆيىنى كۆرسەتكەن بولۇپ

ئەسىرلەر بويى پۈتتۈرۈپ بولالمىغان تۇرالغۇڭلارنى ئىشارە قىلدىڭلار

بىز مەيلى دېدۇق

بەزىلىرىڭلار ھېچ ئىككىلەنمەيلا

خۇسۇسىي خاتىرىلىرىڭلار بىلەن ئاياللىرىڭلارنى

بۇ بىزنىڭ مۇقەددەس ئەنئەنىمىز دېدىڭلار

بىز مەيلى دېدۇق

بەزىلىرىڭلار مۇھەببەتنى دېگەن بولۇپ

تېنىڭلار ھەققىدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىۋەتتىڭلار

ئۇلاردا ئۈنۈۋاتقان گۈللەرنى بىزگە تاقاپ قويۇشنى ئىستىدىڭلار

بىز مەيلى دېدۇق

بۇ بىزنىڭ يېزىقىمىز دەپ

كىتابلارنى ئۈستەلگە يايدىڭلار

ئاندىن بىزنى ئاڭا كىرگۈزدۈڭلار

بىز ئىككى ئەما كۆردۈقكى

سېرىق تاملارغا تەتۇر ئېسىلغان رەسىملەر

رەسىملەر ئارىسىدا سۇ ئىزدەۋاتقان پەيغەمبەرلەر

قىيا تاش ئۈستىدە ئاسماننى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان پەرىشتىلەر

ئۇۋىلارنىڭ كۆيۈكىدە سۆيگۈ ئىچىۋاتقان ئاق قىزلار

ئاسمانغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بېلىقلار

شاراب خۇمارى دېڭىزدىن كېلىدىغان زاھىتلار

ھېچقايسىسى يوق ئىدى

بىز مەيلى دېدۇق

بەزىلىرىڭلار تەقدىرنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتىڭلار

بىزنىڭ تەقدىرىمىز چۈشۈپ قالغانلىقىدىن چۆچۈگەن ھالدا

قولۇڭلاردىكىنى بىزگە ئۇلۇغلۇق بىلەن ھەدىيە قىلدىڭلار

بىز سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلارنى كېيىپ

ئوتقا چۈشۈپ كۆيدۈردۇق

... مەيلى دېدۇق

بىراق، ھەممىڭلار بىرلا نەرسىنى بەرمىدىڭلاركى

روھىڭلارنىڭ ساندۇقىدا

بىردىن قارا قۇتا بار ئىدى

ئۇ قۇتىلارنىڭ ئاچقۇچى بىزدە ئىدى

بىزنىڭ ئەما كۆزىمىزدە ئىدى

بىز ئاشۇ قۇتا ھەققىدە سۆزلىدۇق

سىلەر بىزنى قارىغۇ دېدىڭلار

«بىزدە ئۇنداق قۇتا بولۇپ باقمىغان

سىلەر يولۇچى ئەمەس، بەلكى ساقايماس جاراھەتسىلەر

سىلەر ئادەم ئەمەس، بەلكى شەيتان پارچىسىدۇرسىلەر

سىلەر يالغان ئەما، سىلەر ئوغرى، سىلەر تېنچلىقنى بۇزغۇچى قوزغۇن» دەپ

بىزنى قوغلىدىڭلار

بىز مەيلى دېدۇق

بىزدە مۇھەببەت يوقلۇقى راست، قارغىشمۇ ھەم

بىزدە ئەنئەنە يوقلۇقى راست، بۇزۇشمۇ ھەم

بىزدە تەقدىر يوقلۇقى راست، ئەمالىقمۇ ھەم

شۇنداقتىمۇ بىز مەيلى دېدۇق

قىزىقارلىق تۇيۇلۇۋاتقىنى

مۇشۇ دەقىقىدە

بىزنىڭ كۆزىمىز كۆرمەكتە...

Read more from the March 2016 issue
Like what you read? Help WWB bring you the best new writing from around the world.