Skip to content
Join us for a screening of The Miracle of the Little Prince at Film Forum, followed by a Q&A with filmmaker Marjoleine Boonstra. Wednesday, August 28 at 8:10PM | 209 W Houston St, New York, NY. Tickets on sale now.
from the March 2016 issue

قەتلە بايان

جەننەت ئىرىقلىرىدىكى ئاسمانلارنىڭ بىر تامچىسىنى  

دوزاخ شاخلىرىدىكى گۈلخانلارنىڭ بىر غۇنچىسىنى

يۈرەكتىكى قارا تاشلارنىڭ تۈگۈنچىسىنى

ئايغا ئاققان قوشاقلارنىڭ سۆيۈنچىسىنى  

قەھرىمانلارنىڭ جەسەدلىرى كۆمۈلگەن داستانلارنىڭ بىر ۋارىقىنى  

ئالغا! دەپ ۋارقىرىغانچە ئىلگىرىلەۋاتقان ئۆتمۈشنى

كىرىۋاتقان، چىقىۋاتقان جانلارنىڭ  

ئېچىلىۋاتقان، يېپىلىۋاتقان ئىشىكلەرگە ئوقۇۋاتقان مەدھىيىسىنى

بارغانسىرى يېقىن بولغان يىراقتىكى قەبرىلەرنى

تەكرارلانماس قىز بالا ھەم تەكرارلانغان كارۋاتلارنى  

قاندىكى سۇ، گۆشتىكى نان، سوڭەكتىكى قەسەملەرنى

باشقا قىلىچ ئۇرۇلۇشنى، بويۇنغا سىرتماق سېلىنىشنى، كۆكرەككە ئوق تېگىشنى

ئاخىرقى تىنىقتا كۆز ئالدىغا كەلگىنىنىڭ

ۋەتەن دېگەن كىشەن ئىكەنلىكىنى، خەلق دېگەن دۈشمەن ئىكەنلىكىنى

ئۇ ئارزۇ قىلغان گۈزەل ھاياتنىڭ

‫ئۆزى خازان قىلغان گۈلشەن ئىكەنلىكىنى...

Read more from the March 2016 issue
Like what you read? Help WWB bring you the best new writing from around the world.